send link to app

دىيار ئۆي مۈلۈك تورى app for iPhone and iPad


4.0 ( 8320 ratings )
Lifestyle
Developer: xerizat xapkat
Free
Current version: 1.0, last update: 4 years ago
First release : 08 Sep 2019
App size: 67.07 Mb

ئۈرۈمچى دىيار ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىك شىركىتى 2007-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بولۇپ ،2015- يىلىغىچە 6 ئورۇندىن ئۆزى باشقۇرىدىغان دۇكان ،3 ئورۇندىن دىيار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ۋاكالەتچىلىك دۇكىنى ئاچقان بولۇپ ، جەمىيەتتە بەلگىلىك ئىجدىمائى ۋە ئىقتىسادى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى،خەلىق قەلبىدە ئىشەنچىلىك دىگەن نامغا مۇيەسسەر بولغان ماركا بۇلۇپ كەلمەكتە.2016-يىلدىن باشلاپ ئىنتېرنېت+ئۆي-مۈلۈك كەسپى تەرەققىياتىغا يۈزلىنىپ ،ئۆي-مۈلۈك تورى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ، قوش تىللىق دىيار ئۆي مۈلۈك تورىنى قورۇپ چىقتى . تور بىتمىز كۈچلۈك بولغان باشقۇرۇش سىستېمىسى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ جۇڭگودىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش سىستېمىسى ياساش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان،بۇ سىستېمىدا ئۆي-مۈلۈك سودىسدىكى بارلىق ھالقىلار سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلىدۇ . ھەمكارلاشقان ياكى ۋاكالەتچى بولغان شىركەت ۋە ۋاستىچىلەرگە بۇ سىستېما ۋە تور بىتدىن ئېغىز ئېچىپ بېرىلىدۇ،مۇستەقىل قوش تىللىق دۇكان ئاچالايدۇ، مۇستەقىل سودىلىشالايدۇ ، كۆپ پايدا ئېرىشەلەيدۇ .نۇرغۇن ئۆي ۋە خېرىدار ئۇچۇرلاردىن ھەقسىز بەھرىلىنىدۇ، 400
نۇمۇرغا ئۇلاپ بېرىش مۇلازىمىتىدىن بەھرلىندۇ.ئۆي ۋە خېرىدار ئۇچۇرنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىيالايدۇ ،پۈتۈن كۈن تېخنىكا مۇلازىمتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ . شىركەت ماركىسىنى ھەقسىز تەشۋىقات قىلىپ بېرىلدۇ،ھەمكارلىشىدىغان ئوبيېكتىپلار:
1.پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى؛
2.يېڭى ئۆي سودىگەرلىرى؛
3.نىمكەش ئۆي ۋاسىتىچىلىك شىركەتلىرى؛
4.مۇستەقىل ۋاستىچىلار؛
5. ئۆي مۈلۈك ئىنتېرنېت شىركەتلىرى؛
6. تەرەققىي قىلىش ئارزۇسى كۈچلۈك ،ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە قىزقىدىغان شەخىسلەر ۋە كوللېكتىپ ؛
7. مەبلەغ سالغۇچىلار .
شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شەھەر ، ناھىيىلەرگە ھەقسىز تور بەت ۋاكالەتچىلىكى بېرىلىدۇ ،دىيار ماركىسنى ئېسىپ ، ئەمەلىي دۇكان ئاچىدىغانلارغا ھەقلىق ھالدا ماركا ئىشلىتىش ھوقۇق بېرىلىدۇ . دىيار ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىلىك شىركىتى ئىناۋەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان بولۇپ ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ، كەسپىي ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئۆلچەملەشكەن ، سىستېمىلاشقان ،ئىشەنچىلىك ئۆي-مۈلۈك كارخانىسنى خەلق قەلبىدىن قايتىدىن ئورۇن ئالغۇزىدۇ .